ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار،
سۆزلۈك ئۆگىنىش تىل ئۆگىنىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسمى. قانچە كۆپ سۆزنى بىلسىڭىز ، ئاڭلىغان ۋە ئوقۇغانلىرىڭىزنى شۇنچە چۈشىنەلەيسىز. ھەمدە سۆزلىگەندە ياكى يازغاندا نېمىنى خالايدىغانلىقىڭىزنى شۇنچە ياخشى ئېيتالايسىز.ھەر كۈنى نۇرغۇن يېڭى ئىنگلىزچە سۆزلەرنى ئاڭلايسىز ياكى ئوقۇيسىز. سىز ئۆز تىلىڭىزدىن تەرجىمە قىلغاندا لۇغىتىڭىزدىن تاپالايسىز. سىز بۇ يېڭى سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس ، شۇڭا بىرىنچى مەسىلىڭىز قايسىسىغا دىققەت قىلىشنى قارار قىلىش.قايسى سۆزلەرنى ئۆگىنىشنى تاللىغاندىن كېيىن ، كېيىنكى قەدەمدە ئۇلارنى قانداق ئۆگىنىشنى قارار قىلىشىڭىز كېرەك.
بۇ لېكسىيەدە سۆزلۈكنى ئۈنۈملۈك ئۈگىنىش ئۇسۇللىرىنى تەپسىلىي سۆزلەيمىز.